مەشغۇلات قوللانمىسى
1. كومپيۇتېرغا ئورۇنلاشتۇرۇش
1.1 ئاۋال Uyghuredit.msi دېگەن ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېسكىسىنىڭ بىر يېرىگە ساقلايسىز. چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ. ئاندىن چۈشۈرگەن Uyghuredit.msi نى قوش چەكسىڭىزلا بولىدۇ.
2. كىرگۈزۈش
2.1 ئۇيغۇرئېدىتتا ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كۇنۇپكا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، باشقا ئۇيغۇرچە سىستېمىلاردا كىرگۈزۈشنى بىلسىڭىز، ئۇيغۇرئېدىتتىمۇ قىينالماي كىرگۈزەلەيسىز. كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بىلمىسىڭىز، «Yardem» نى ئېچىپ، «Uyghurche kunupka» دېگەننى چەكسىڭىز كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى چىقىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2.2 «ئ» بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدىغان ھەرپلەر سۆزنىڭ بېشىدا كەلگەندە «ئ» نى باسمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: «ئادەم» دېگەننى كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز. «ئا» نى كىرگۈزۈشتە بىۋاسىتە «ئا» باسسىڭىزلا كۇپايە.
2.3 «لا» كىرگۈزۈشتە، ئىككى خىل ئۇسۇل بار. بىرسى بىۋاسىتە «لا» نى بېسىش، يەنە بىرسى ئاۋال «ل» نى ئاندىن «ئا» بېسىش.
2.4 ھەممە تىللارنى ئۆزىنىڭ يېزىش يۆنىلىشى بويىچە كىرگۈزۈش كېرەك. يەنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگەندە، تەھرىرلەش يۆنىلىشىنى ئوڭدىن سولغا توغرىلاڭ. بۇ چاغدا ئىنگلىزچە تەتۈر كۆرۈنىدۇ. ئىنگلىزچە كىرگۈزگەندە تەھرىرلەش يۆنىلىشىنى سولدىن-ئوڭغا توغرىلاڭ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە تەتۈر كۆرۈنىدۇ. شۇنداق بولغاندا توغرا بولىدۇ. بۇنىڭغا قەتئىي دىققەت قىلىڭ.
(ئۇيغۇرئېدىتتا «Unicode قوش يۆنىلىش ئالگورىزىمى» ھازىرچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان بولغاچقا شۇنداق بولىدۇ. كىرگۈزگەن مەزمۇننى «Unicode قوش يۆنىلىش ئالگورىزىمى» ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان سىستېمىلاردا كۆرسىڭىز ھەممىسى ئوڭ كۆرىنىدۇ. مەسىلەن ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە ئارلاش ھۆججىتىڭىزنى «HÖjjet» نىڭ «HTML sheklide saqlash» ئارقىلىق ساقلاپ، ئاندىن ئۇنى «Internet Explorer» دا كۆرسىڭىز نورمال كۆرىنىدۇ. )
2.5 ئىملا تەكشۈرۈش
ئۇيغۇرئېدىتنىڭ ئىملا تەكشۈرۈش قائىدىسى ئىنتايىن ئاددىي، ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتا يېزىلغان سۆزلەرنى «سۆزلۈك ئامبىرى»دىكى سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ.«سۆزلۈك ئامبىرى» دا بار بولسا ئىملاسى توغرا، بولمىسا خاتا دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.
تېكىستنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن «Bashqilar» نىڭ ئىچىدىكى «Imlasini Tekxürüsh» نى باسسىڭىزلا ئىملا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايسىز. ئەگەر ھۆججىتىڭىزنىڭ ئىچىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى توغرا بولسا
دېگەن كۆرسەتمە چىقىدۇ. ئەگەر بىرەر سۆزنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق بولسا (بۇ سۆز «سۆزلۈك ئامبىرى»دا بولمىسا)
دېگەن رامكا چىقىدۇ.
ئەگەر سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا «Lughetke Qoshush» نى باسسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «سۆزلۈك ئامبىرى» غا بىر سۆز قوشۇلۇپ، ئىككىنچى قېتىم بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرگەندە توغرا دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە يۇقارقى رامكا چىقمايدۇ.
ئەگەر سۆزنىڭ ئىملاسى خاتا بولۇپ، «Namzat Sözler» نىڭ ئىچىدە توغرىسى بولسا، توغرىسىنى تاللىسىڭىز، رامكىدىكى «Tüzitish» دېگەن بوتان ئىناۋەتلىك بولىدۇ. «Tüzitish» نى باسسىڭىز ئەسلىدىكى خاتا سۆز سىز تاللىغان توغرا سۆز بىلەن ئالمىشىدۇ. ئىككىنچى قېتىم بۇ خاتا سۆزنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرگەندە يۇقارقى رامكا كۆرۈنمەستىن خاتا سۆزنى توغرا سۆزگە ئالماشتۇرۇپ ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ.
ئەگەر سۆزنىڭ ئىملاسى خاتا بولۇپ، «Namzat Sözler» نىڭ ئىچىدە توغرىسى بولمىسا سىز تەھرىر رامكىسىغا كىرىپ سۆزنى تۈزەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ چاغدا يۇقارقى رامكا
غا ئۆزگىرىدۇ. سۆزنى تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن «Uyghuredit - Imla Toghrilash» رامكىسىدىكى «Bashlash» دېگەن بوتاننى باسسىڭىز ھازىرقى قۇردىن باشلاپ ئىملا تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.