كەنجى كوررېكتور ۋە ئۇيغۇرئېدىتقا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇر
ئەڭ يېڭى نەشرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، جەمئىي 5837 كىلوبايت
ئەگەر بۇرۇنقىسى كومپيۇتېرىڭىزدا بولسا بۇ zip ھۆججەتنى (5370 كىلوبايت) چۈشۈرۈپ يايغاندىن كېيىن، ھاسىل بولغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىدىكى ئۇيغۇرئېدىت ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەردىكى پروگراممىلارنىڭ ئۈستىگە كۆچۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كەنجى كوررېكتورنىڭ قوللانمىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
2008-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىملا ئامبىرى، كەنجى كوررېكتور ۋە ئۇيغۇرئېدىت يېڭىلاندى
- ئىملا ئامبىرىنىڭ 1.6 نەشرى قوشۇلدى. ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 758382 يەتتى.ئىملا ئامبىرى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تۈپ سۆزلەر ئۈچۈن«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىل)» دىكى سۆزلەر ئاساس قىلىندى. ھەم بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كىشى ئىسىملىرى قوشۇلدى.
- ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 429305 يەتتى. بۇ قېتىم بۇنداق كۆپىيىشتىكى سەۋەب، ئىملادا خاتالىشىش ئېھتىماللىقى بولغان 1200 دەك سۆزلەر(جاۋاپ، كىتاپ، تىلىۋىزور، ھەركەت...)نى رەتلەپ چىقىپ كومپيۇتېردا توغرىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغانلىقتىندۇر.
- كەنجى كوررېكتورنىڭ نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى ياخشىلاندى.
- ئۇيغۇرئېدىتتىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى، يەنە ئۆلچەمسىز كودلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېكىستلەرنى چاپلىغاندا ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى ئايرىم تىزىملىك قىلىپ قوشۇلدى. نەشرى 3.0 گە كۆتۈرۈلدى.
- كېيىنكى پىلانلار: ئاپتوماتىك قۇر قاتلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، سىلاۋىيان يېزىقى، ئورتاق تۈرك تىلى ئېلىپبەسى قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش.
2008-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىملا ئامبىرى يېڭىلاندى
- ئىملا ئامبىرىنىڭ 1.5 نەشرى قوشۇلدى. ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 632000 يەتتى
- ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 68500 يەتتى
2007-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇرئېدىتنىڭ 2.8 نەشرى ئېلان قىلىندى. ئالدىنقى نەشرىدىكى خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، ئىملا ئامبىرى يېڭىلاندى.بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە:
- كەنجى كوررېكتورنىڭ نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى ياخشىلاندى.
- ئىملا ئامبىرىنىڭ 1.3 نەشرى قوشۇلدى. ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 591678 مىڭ.
- ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 66523 مىڭغا يەتتى.
- كەنجى كوررېكتور ۋە ئۇيغۇرئېدىتتىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى.
2006-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇيغۇرئېدىتنىڭ 2.5 نەشرىدىكى خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، ئىملا ئامبىرى يېڭىلاندى.بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە:
- ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا ئىملا تەكشۈرۈشتىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى.
- ئىملا ئامبىرىنىڭ 0.3 نەشرى قوشۇلدى. سۆزلۈك سانى 353 مىڭ.
2006-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇرئېدىتنىڭ 2.5 نەشرى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە:
- ئىملا ئامبىرى پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ ياسالدى. مەزكۇر ئامباردا 304 مىڭ دانە سۆز بار بولۇپ، بۇ سۆزلەر «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دىكى تۈپ سۆزلەرنى تۈرلەش ئاساسىدا ياسالغان بولغاچقا خاتالىقلاردىن خالى ياكى خاتالىق ناھايىتى ئاز. ئىملا ئامبىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
- يېقىندا تەھرىرلىگەن 10 دانە ھۆججەتنىڭ ئىزى ساقلىنىدىغان قىلىندى. بۇ ھۆججەتلەر قايتا ئېچىلغاندا، نۇر بەلگىسى ئالدىنقى قېتىم تەھرىرلەنگەن چاغدىكى ئابزاسنىڭ بېشىغا توغرىلىنىپ تۇرىدىغان قىلىندى.
- ئىزدەش، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ياخشىلاندى.
- «يېڭى ھۆججەت» بېسىلغاندا ئۇيغۇرئېدىتتىن يەنە بىرى قوزغىلىدىغان قىلىندى.
- بىر قىسىم ئىچكى خاتالىقلار تۈزىتىلدى.
- ھازىرغىچە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىپ كەلگەن تۆۋەندىكى ئىقتىدارلىرى تولۇق سىنالدى. كۆپچىلىك ئىشلىتىپ كۆرسە بولىدۇ.
- Ctrl+F9: تېكىستنى سۆزگە پارچىلاپ ئىملاسى توغرا بولغان سۆزلەرنىلا ھاسىل قىلىش
- Ctrl+F10: تېكىستنى سۆزگە پارچىلاپ ئىملاسى خاتا بولغان سۆزلەرنىلا ھاسىل قىلىش
- Ctrl+F11: تېكىستنى سۆزگە پارچىلاش
- Ctrl+F12: ئابزاسنى بىرلىك قىلىپ، پۈتكۈل تېكىستنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش
بۇ قېتىمقى نەشرىنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- چوقۇم ئالدىنقى نەشرىنى كومپيۇتېردىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ نەشرىنى ئورنىتىڭ.
- ئالدىنقى نەشرىدىكى ئىملاغا مۇناسىۋەتلىك، Uyghur_User.dic بىلەن Uyghur_Xata.dic نى ئىشلەتمەڭ، بولمىسا يەنىلا بىر قىسىم ئىملا خاتالىقىدىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.
- Uyghur_User.dic بىلەن Uyghur_Xata.dic نى ئۇيغۇرئېدىتتىن پايدىلىنىپ ئېچىپ، ساقلىغاندا چوقۇم UTF-16LE كودلاش شەكلىدە ساقلاڭ.
2005-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇرئېدىتنىڭ 2.3 نەشرى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە:
- MFC دىن ئازاد قىلىندى، يەنى ئۇيغۇرئېدىت پۈتۈنلەي Windows نىڭ API سىنى ئىشلىتىپ پۈتۈن ئەسلى كودى قايتىدىن يېزىپ چىقىلدى. بۇنىڭ بىلەن VC++ دىلا ئەمەس باشقا Windows مۇھىتىدىكى C++ Compiler بىلەن Compile قىلغىلى بولىدىغان بولدى. بۇ نەشرى MINGW Compiler بىلەن Compiler قىلىنغان.
- ئىچكى قىسىمدا ئاساسىي كود ئىشلىتىلىدىغان قىلىندى.
- «Unicode قوش يۆنىلىش ئالگورىزىمى» قىسمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. يەنى نۇر بەلگىسى تۇرغان قۇرلا ئەسلىدىكىدەك ھالەتتە يەنى ئۇيغۇرچىدىن باشقىلىرى تەتۈر كۆرۈنىدىغان، باشقا قۇرلاردىكى بولسا نورمال ئوقۇغىلى بولىدىغان ھالەتتە كۆرسىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بېسىپ چىقىرىش قىسمىدا «Unicode قوش يۆنىلىش ئالگورىزىمى» تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
- مەشغۇلات سۈرىتىنى يۇقىرى كۆرسىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن «تېز مەشغۇلات» كۇنۇپكىلىرى قوشۇلدى. مەسىلەن F5 ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ھالەتكە كىرىش ياكى چىقىش، F6 ئارقىلىق ULY(ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، بۇرۇنقى نامى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى) ھالىتىگە كىرىش ياكى چىقىش دېگەندەك...
- ULY نى UEY(ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى، يەنى ئۇيغۇر كونا يېزىق) ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى، يەنى ئەسلى تېكىست پروگرامما بولسا ئۇنىڭ ئىچىدىكى "" بىلەن قورشالغان قىسىمنىلا ئالماشتۇرۇش... دېگەندەك.
- ئىملا تەكشۈرۈش ئۇيغۇرئېدىتتىن ئايرىۋېتىلىپ ئايرىم DLL شەكىلدە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىلەن قوشۇمچە ئۇلانغان سۆزلەرنىمۇ تەكشۈرەلەيدىغان قىلىندى. مەسىلەن: "ئۇيغۇر" دېگەن سۆز ئىملا لۇغىتىدە بار بولۇپ، ئۇنىڭغا "نىڭ" قوشۇمچىسى ئۇلانغاندىكى "ئۇيغۇرنىڭ" دېگەن سوز ئىملا لۇغىتىدە يوق بولسىمۇ بۇنى تەكشۈرگەندە تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچىغا ئايرىپ تەكشۈرۈپ، "ئۇيغۇرنىڭ" دېگەن سۆزنى بۇرۇنقىدەك ئىملاسى خاتا دېمەيدىغان قىلىندى.
كۆپچىلىككە ئىلتىماس: ئەگەر سىزدە ئىملاسى %100 توغرا بولغان تېكىستلەر بولسا ئۇنى سۆزلەرگە پارچىلاپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئۇيغۇرئېدىتنىڭ ئىملا لۇغىتىنى بېيىتىشقا ھەسسە قوشسىڭىز. تېكىستنى سۆزگە پارچىلاشتا ئۇيغۇرئېدىتنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، مەشغۇلات ئۇسۇلى ئىملاسى %100 توغرا بولغان تېكىستنى ئۇيغۇرئېدىتتا ئاچىسىز، ئاندىن Ctrl+F11 نى باسسىڭىزلا ئۇيغۇرئېدىت پۈتكۈل تېكىستنى سۆزلەرگە پارچىلاپ، ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىپ بېرىدۇ. ئاندىن شۇنى ھۆججەتكە ساقلاپ ماڭا ئەۋەتسىڭىز مەن ئۇيغۇرئېدىتنىڭ ئىملا ئامبىرىغا قوشۇپ قويىمەن.
- يېنىۋېلىش ۋە يانغانغا پۇشايمان قىلىشتىكى خاتالىقلار تۈزىتىلدى.
- ULY كۇنۇپكىسى ئازراق ئۆزگەرتىلدى. يەنى ULY دىكى Ü,ü;Ö,ö;É,é لارنى كىرگۈزۈشتە "Alt" بىلەن "u","o","e" لارنى بېسىپ كىرگۈزىدىغان قىلىندى. چوڭ يېزىلىشىنى چىقىرىش ئۈچۈن "Shift" قوشۇپ باسسا بولىدۇ.
- "Global Writer" قاتارلىق سىستېمىلاردا كىرگۈزۈلگەن مەزمۇننى ئۇيغۇرئېدىتقا بىۋاسىتە چاپلىسىلا بولىدىغان قىلىندى.
2004-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇرئېدىتنىڭ 2.1 نەشرى ئېلان قىلىندى. قوشۇلغان ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە:
- كودلاش شەكلى ھەرخىل بولغان ھۆججەتلەرنى ئوقۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشىلاندى.
- UKY يېزىقى كۇنۇپكىسى ئۆزگەرتىلدى. يەنى ü،Ü؛ ö،Ö؛ é،É؛ لارنى Ctl بىلەن بىرگە بېسىش ئارقىلىق كىرگۈزۈلىدىغان قىلىندى.
- ھۆججەتنى ساقلىغاندا Unicode ئۈچۈن UTF-16LE ۋە UTF-8 نى تاللاشقا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئۈچۈن ئاساسىي كودى(باش، ئوتتۇرا، يالغۇز ئاياق يېزىلىشى يوق، Unicode دىكى0600~0x06FF رايونىدىكى كود)نىلا ساقلاش ياكى بارلىق ئۇلىنىش ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كودىنى تاللاپ ساقلىغىلى بولىدىغان قىلىندى.
- ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى.
- Interface language گە خەنزۇچە قوشۇلدى( خەنزۇچە قىسمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى ياسىن ئىمىن ئەپەندى ئىشلىدى. ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن)
- بارلىق Font لارغا Open Type Layout جەدۋىلى قوشۇلدى. ھەم ئاستىغا سىزىق سىزىلغاندىكى خاتالىق تۈزىتىلدى.
2004-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار قوشۇلدى:
- ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇش.
- UKY كىرگۈزۈش.
- يېنىۋېلىش(Undo) ۋە يانغانغا پۇشايمان قىلىش(Redo)
- ئىملا تەكشۈرۈش
- كودلاش شەكلى ھەرخىل بولغان ھۆججەتلەرنى ئوقۇش.
- باشقا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىدىغان سىستېمىلارنىڭ تېكىستلىرىنى چاپلاش.
- ياپونچە Interface قوشۇلدى. يەنى بۇيرۇق تىزىملىكلىرى(Menu) ۋە باشقا ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ياپونچىمۇ كۆرۈنىدىغان قىلىندى. ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە قىسمىمۇ ئىشلىنىۋاتىدۇ.
- ئورنىتىش پروگراممىسى ئارقىلىق ئورناتقىلى بولىدىغان قىلىندى.
2003-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
- ئۇزۇن ھۆججەتنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ ئۆچۈرگەندە ئۇيغۇرئېدىتنىڭ ئاخىرلىشىپ كېتىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى.
- كونا يېزىق بىلەن UKY نى ئالماشتۇرغان چاغدا <> بىلەن قورشالغان مەزمۇنلارنى ئايلاندۇرماي شۇ پېتى ساقلاپ قېلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇ ئارقىلىق كونا يېزىقتا ياكى UKY يېزىقىدا يېزىلغان تور بەتلىرىنى تەھرىرلەپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا مەزمۇنىنىلا ئالماشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
- 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) ئېلىپبەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن رەسىم ئۆزگەرتىلدى.
- UKY نىڭ چوڭ-كىچىك يېزىلىشىنى ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا قېتىپ قالىدىغان مەسىلە تۈزىتىلدى.
2003- يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرئېدىتنىڭ 1.0 نەشرى ئېلان قىلىندى